AI
18 سائەت بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت 
كىم مەن ئۈچۈن دۇئا قىلدى؟ كىملەر دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدى؟
ئاللاھىم دۇئا قىلغانلارغا ماڭا قىلغان دۇئاسىنىڭ ئوخشىشىنى ئۆزىگىمۇ ھەسسىلەپ بەرسۇن.
ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇغانلارنىڭ ماڭا دۇئا قىلىشنى ئېسىگە سالسۇن، ئامىن. 
1 ھەپتە بۇرۇن
hayrigulkeskin
مىجەزىڭىزگە قارىتا چاي شەربەت. ماجۇن ۋە ئۇۋلاش. ئوت لوڭقا. قان ئېلىش. سۈلۈك قۇيۇش مەۋجۇت
ئېغىر كېسەللەرنى ئۇستاز ئىمىنجان خەلپەت  ئۇستاز شەنبە كۈنى كېسەل كۆرىدۇ. 
راندو ئېلىڭ. 
بىز سىزگە ياردەم قىلىمىز. ساغلاملىق بىباھادۇر
1 ھەپتە بۇرۇن
hayrigulkeskin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  رامىزان نىڭ ئاىىرقى كۈنلىرى بەرىكەتلىك بولسۇن.  ئىبادەتلىرىمىزنى ئاللاھ قۇبۇل قىلسۇن. ئېسىل ئەخلاق، گۈزەل پەزىلەت، غەيۋەت تىن، ھەسەتتىن كۆڭۈللەر يىراق بولسۇن. سودىمىز بەرىكەتلىك بولسۇن  ئامىن 
1 ھەپتە بۇرۇن
Qalqan
مۇبارەك بولسۇن 💝
1 ھەپتە بۇرۇن
Ozuygur
يەھۇدىيلار ۋە زىيونىزم

 مۇھەممەد يۈسۈپ 

يەھۇدىيلارنىڭ كېلىپ چىقىشى يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇشىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ۋە ئىسھاق دەپ ئىككى ئوغلى بولغان ۋە ئىككىلى ئوغلى پەيغەمبەرلەدىن بولغان. چوڭ ئوغلى ئىسمائىل كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسى ھاجەر بىلەن مەككىدە ياشىغان ۋە كېيىنچە يەمەندىكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن مەككىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان جۇرھۇملاردىن ئۆيلەنگەن. كېيىنچە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەرەبلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام كەنئان زېمىنىدا (ھازىرقى پەلەستىن، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئېئوردانىيە قاتارلىق جايلاردا) ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن يەھۇدىيلار بارلىققا كەلگەن. يەھۇدىيلار بۇرۇن «كەنئانلىقلار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇلار «بەنى ئىسرائىل» (ئىسرائىل ئەۋلادى) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. چۈنكى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى «ئىسرائىل» (ئاللاھنىڭ بەندىسى) ئىدى. «يەھۇدىيلار» بىلەن «بەنى ئىسرائىل»نىڭ پەرقى ھازىر دۇنيادا يەھۇدىيلار بىلەن بەنى ئىسرائىل ئىككىسى ئومۇمەن بىر مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «بەنى ئىسرائىل» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەرگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، «يەھۇدىي» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەۋجۇت بولغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئۇلار يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەھۇزانىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەردۇر. ھازىرقى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارمۇ يەھۇزانىڭ نەسلىدىن سانىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندا، يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىۋالىدۇ ۋە ئاكىلىرىدىن ئەرزان پۇلغا سېتىۋالىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 20- ئايەت). ئاندىن ئۇنى مىسىرنىڭ قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ، مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋەزىرى بۇتىفارغا سېتىۋېتىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىردا ناھەق تۈرمىگە تاشلىنىش، ئاندىن ئاقلىنىپ چىقىپ مىسىرنىڭ مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەنئان زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈزىسىدىن ياردەم سوراپ كەلگەن قېرىنداشلىرىنى تونۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ياشىنىپ قالغان ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى مىسىرغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، مىسىردا تۇرغۇزىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 99-100- ئايەتلەر). ئۇلار مىسىرغا كەلگەندە 75 كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئۇلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىشكە باشلايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى كەچۈرمىشلىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھىمۇ ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىسىرنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە مىسىر پادىشاھلىرى »پىرئەۋن« دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى رەمسىسس2 نىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئۇ بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشكە تەبىر بەرگەنلەر مىسىردىكى بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن چىقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پىرئەۋن شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تۇغۇلغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كىچىك مۇسانى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلھام بويىچە ئۇنى بىر ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. (تاھا سۈرىسى 38-39- ئايەتلەر). ساندۇق سۇدا ئېقىپ پىرئەۋننىڭ باغچىسىغا كېلىپ قالىدۇ، پىرئەۋننىڭ ئادەملىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تېپىۋېلىپ ساندۇقتىن چىقىرىدۇ ۋە پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بېقىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋندىن پىرئەۋننىڭ سارىيىدا قوغدايدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇ سارايدا چوڭ بولىدۇ، كېيىنچە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ ۋە پىرئەۋننى ئىمانغا دەۋەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنى بولغان كەنئان زېمىنىغا بېرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بىردىنبىر تەلىبى شۇ ئىدى. ئەمما پىرئەۋن ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىمۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن قەۋمىنى باشلاپ كەنئان زېمىنلىرىغا قاراپ كېچىلەپ يولغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ ماڭىدۇ. پىرئەۋن قوشۇنلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېڭىز بويىدا يېتىشىۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى قوغلاپ كەلگەن پىرئەۋن قوشۇنلىرىنى كۆرۈپ، «بىز ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇق» دەيدۇ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلار: «ياق، بىز تۇتۇلۇپ قالمايمىز، چۈنكى رەببىم ماڭا يول كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 62- ئايەت). شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇنى ھاسىسى بىلەن دېڭىزنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. نەتىجىدە، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق يولى ئېچىلىپ، ئۇلار سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، پىرئەۋن قوشۇنى دېڭىزغا كىرىپ بولغاندا، دېڭىز سۈيى ئەسلىگە كېلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋېتىدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 63-66- ئايەتلەر). مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمما پىرئەۋننىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيدۇ. مۇسا ئالايھىسسالام قايتا-قايتا تەكىتلىسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى بەك چوڭ بىلگەنلىكتىن، «پىرئەۋن ئۆلمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى دېڭىزنىڭ ساھىلىغا چىقىرىپ قويىدۇ. (يۇنۇس سۈرىسى 92- ئايەت). ئۇلار جەسەتنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىشى ئىسرائىل ئەۋلادى مۇسا ئالايھىسسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس زېمىنغا قاراپ ماڭىدۇ. يول بويىدا بۇتقا چوقۇنۇۋاتقان قەۋملەرنى كۆرۈپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ بۇت ياساپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى بۇ غەلىتە تەلىبىگە رەدىيە بېرىدۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 138- ئايەت). يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۇلار «پىرئەۋنمۇ ئۆلدى، بىزنىڭ مىسىردا باغلىرىمىز ۋە ئۆيلىرىمىز قالغان ئىدى. شۇ يەرگە قايتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئى قەۋمىم! سىلەر ئەجدادىڭلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە مەندىن تەلەب قىلغان ئەمەسمىدىڭلار، ئەمدى نېمىشقا ئارقىغا چېكىنمەكچى بولىسىلەر» دەپ كايىيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 23-26- ئايەتلەر). يەھۇدىيلارنىڭ سىينا چۆلىگە مەھكۇم قىلىنىشى يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى چۆلگە مەھكۇم قىلىدۇ. ئۇلار مىسىرغا قايتمقغى بولۇپ، ھەر كۈنى يول يۈرىدۇ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرسا تۈنۈگۈنكى يېرىگە كېلىپ قالىدۇ، يەنە ماڭسا، يەنە شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، ھېچنەرسە يوق، قاقاسلىق سىينا چۆلىدە قالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئۇلار رەھىم-شەپقەت قىلىپ، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ، بېرىپ، ئاسماندىن تەرەنجىۋىل ھالۋىسى ۋە بۆدۈنە كاۋىپى قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ بېرىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 57- ئايەت). بۇ يەرە يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالا چۈشۈرۈپ بەرگەن تاماققا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سامساق، پىياز، لوۋىيا قاتارلىق كۆكتاتلاردىن چۈشۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت). يەھۇدىيلارنىڭ موزايغا چوقۇنۇشى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن تۇر تېغىغا كېتىدۇ، ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىگە مەسئۇل قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار ھارۇن ئەلەيھسسالامنىڭ سۆزىگە كىرمەيدۇ ۋە موزايغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 52- ئايەت). مۇسا ئالايھىسسالام قايتىپ كېلىپ قەۋمىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ. ئاندىن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن 70 ئادەمنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى قەۋمىنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىق گۇناھى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن سىينا تېغىغا ئېلىپ چىقىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 155- ئايەت). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئاللاھنى كۆرۈشىمىز كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت). يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىشى تۇرىسىينا ئېلىپ چىقىلغان 70 كىشى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان تۇرۇقلۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلمىغان ئەدەپسىزلىكى ۋە يامانلىقى قالمايدۇ. بىر كۈنى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنى ئىگىزرەك بىر تاغقا ئېلىپ چىقىشقا ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان جايغا چىقىدۇ. شۇ جايدا ھارۇن ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىككى ئوغلى ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى ئەھۋالدىن ۋاقىپ قىلغىنىدا، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىپ، «ھارۇن سەندىن ياخشى ئىدى، سەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ» دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتتىق بىئارام بولۇپ، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنى ھېچكىمنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەشتىن توختايدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيلىقى سەۋەبلىك ۋەدە قىلىنغان زېمىن — پەلەستىن زېمىنىغا كىرىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، مۇسا ئالايھىسسالاممۇ شۇ چۆلدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. تولۇق قىرىق يىل ئۆتكەن ۋە شۇ چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلگەن يۇشەئ ئىبنى نۇن دېگەن كىشىگە پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كىرىشى يۇشەئ ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنى باشلاپ پەلەستىن زېمىنىغا كىرىدۇ ۋە ئۇ جايدا ھاكىمىيەت قۇرىدۇ. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ پەلەستىندىكى تۇنجى پادىشاھى تالۇت بولىدۇ. يەھۇدىيلار كىتابلىرىدا ئۇنى شاۋۇل دەپ ئاتىشىدۇ. تالۇتنى ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلار ئۇنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەسلىكتە قوبۇل قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 246- ئايەت). تالۇتتىن كېيىن داۋۇد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام پادىشاھ بولىدۇ. كېيىنچە بۇ دۆلەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، پەلەستىندە يەھۇزا ئىسىملىك پادىشاھىنىڭ ئىسمىدا يەھۇزا دۆلىتى، نابلۇستا يەھۇدىي دۆلىتى بارلىققا كېلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنىڭ تارمار قىلىنىشى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاققا قالماي بابىل پادىشاھى بۇختەنەسسەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586- يىلى پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىدۇ، كىتابلىرىنى كۆيدۈرىدۇ، ئالىملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە خەلقىنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا (ھازىرقى ئىراققا) ئېلىپ كېتىدۇ. (ئىسرا سۈرىسى 4-8- ئايەتلەر). يەھۇدىيلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كېلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسى بولۇپ كەلگەن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسىرلەردىن بېرى سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئەنگىلىيەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشى بىلەن، 1948- يىلى پەلەستىندە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن دۆلەت قۇرۇۋالىدۇ، پەلەستىندىكى يەرلىك خەلقنى ئۆلتۈرۈش، قوشنا دۆلەتلەرگە پالاش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرى بىلەن پەلەستىندىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەلەستىن خەلقى مۇستەملىكىگە بوي ئەگمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ناقەق ئۆلتۈرگەن پەلەستىنلىكلەرنى سانى 100 مىڭدىن ئاشقان بۇ قېتىمقى غەززە قەتلىئامىدا شېھىت بولغانلار بىلەن بۇ سان ئۇنىڭدىمۇ يۈكسەلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ لەنەتلىنىشى قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ لەنەتلەرگە قەۋم يەھۇدىيلار بولۇپ، ئۇلار يەنە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم دەپ تەبىرلەنگەن. مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر قەۋم «ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم» دەپ تەبىرلەنمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلاردەك تۇزكور، ۋاپاسىز، خىيانەتچى، سۇيىقەستچى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ۋە جىنايەتچى قەۋم بولمىسا كېرەك. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان: 1. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانى بېخىل دەپ سۈپەتلىگەن ئەدەپسىز قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 64- ئايەت). 2. يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ساماۋى دىنغا ئېتىھاد قىلىپ تۇرۇقلۇق، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن قەۋمدۇر. (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت). 3. يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەن ۋە دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق بىر قەۋم قىلمىغان جىنايەتنى سادىر قىلغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 155- ئايەت). 4. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ بەزىسىنى يوشۇرغان، بەزىسىنى بورمىلىغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 46- ئايەت). 5. يەھۇدىيلار مۇشرىكلارغا «سىلەرنىڭ دىنىڭلار مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن ياخشى» دەپ بەرگەن يالغانچى قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 51- ئايەت). 6. يەھۇدىيلار پەيغەمبىرى ھايات بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ موزايغا چوقۇنغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 54- ئايەت). 7. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە «سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ جىھاد قىلغىن، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرايلى» دېگەن ئەدەپسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قورقۇنچاق قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 24- ئايەت). 8. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەي، «ئاللاھنى بىزگە كۆرسەت» دەپ تۇرۇۋالغان كاپىر قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت). 9. يەھۇدىيلار ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 146- ئايەت). 10. يەھۇدىيلار نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىدىغان، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت). 11. زىيونىزم زىيونىزم —19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر قىسىم يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى پەلەستىن زېمىنىغا كۆچۈشكە تەرغىب قىلىش ۋە پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەرەبچە «الصهيونية»، ئىنگىلىزچە «Zionism» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ پەلەستىندىكى «الصهيون» دېگەن تاغنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار بۇ سۆزنىڭ ئورشىلىم دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. چۈنكى زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېرور تەشكىلاتىنى دىنىي ئىسىم بىلەن ئاتاش ئاقىلىق تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. زىيونىزم تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىيودور ھېرتزل (1860- 1904) ئىسىملىك يەھۇدىي بولۇپ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار ئۇنى «دۆلەت ئاتىسى» دەپ ئاتايدۇ. تىيودور ھېرتزل ئاۋۇستىرىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەلەستىنگە كۆچۈرۈشكە قاتتىق كۈچىگەن ۋە ئۇلارغا يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن. زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدۇ زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدىغان تېررورىست تەشكىلات بولۇپ، دۇنيدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ كەلگەن ۋە قىلمىشلىرىنى دىنىي تەرەپتىن يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن رىۋايەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان مىراسى قىلىپ كۆرسىتىشتە ئىشلەتكەن ھۆججەتلىرىدىن بىرى «تەۋرات»نىڭ «تەكۋىن» بابى 13- تېكىستى بولغان «رەب ئىبراھىم بىلەن كېلىشتى ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە كەنئان زېمىنىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەن تېكىست بولۇپ، بۇ تېكىست توغرا ۋە راست دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئەرەبلەرنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭمۇ، يەھۇدىيلارنىڭمۇ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. زىيونىستلار پەلەستىننى پۈتۈنلەي يەھۇدىي دۆلىتى قىلىش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار چوڭ يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «نىلدىن فۇراتقىچە» دەيدىغان سەپسەتىسى بار. ئىسرائىلىيە ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنى ئارقىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيادا مۇشتۇمزورلۇق قىلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن دەپسەندە قىلغان تېررورىست دۆلىتىدۇر. زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى يوشۇرىدۇ زىيونىزم ھەرىكىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېررور تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بەرگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار زىيونىستلارنىڭ ۋاسىتە تاللىمايدىغان ۋەھشىيلىكىنى، قاتىللىقىنى ۋە ئۇچىغا چىققان زالىملىقىنى بايان قىلغان. مىسىرلىق دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلۋەھھاب مەسىرىي ئۈچ توملۇق «يەھۇدىي ئېنسىكلوپېدىيەسى» يازغان، فرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر ئالىم راجىيە گارودى 1982- يىلى ئالجىرىيەدە ئالجىرىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن «ئىسرائىلىيە ئەپسانە ۋە تېررورلۇق» ناملىق بىر ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيونىزمنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى ئېچىپ بەرگەن. گارودى مەزكۇر كىتابى سەۋەبلىك فرانسىيەدە نەزەربەنتكە ئېلىنغان ۋە كىتابلىرى پۈتۈن ياۋروپادا چەكلەنگەن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىملىرىغا ئۇچرىغان، ھەتتا ۋېنگىرىيەدە بىر ئادەم مەزكۇر كىتابنى ۋېنگىر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك، كىتابنى باسقان نەشرىياتنىڭ مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىگە تاشلانغان. 2012- يىلى گارودى ۋاپات بولغاندا تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مېنىستىرلىقى فىرانسىيەدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئارقىلىق بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، گارودىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە خەتمە قۇرئان قىلىپ روھىغا دۇئا قىلغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى گارودىنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ھۆرمەت قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋەتكەن. تۈركىيە تەرەپ بۇنى سۈرۈشتۈرگەندە «ئۆزىنىڭ شۇنداق ۋەسىيىتى بار ئىدى» دەپ ئىشنى تۈگەتكەن.
1 ھەپتە بۇرۇن
hayrigulkeskin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر
ئېسىل چايلىرىمىز داۋاملىق تەييارلىنىۋاتىدۇ. 
چاي ساتىمەن. 
چاي تەڭشەيمەن 
چايچەتتە چاي 
2 ھەپتە بۇرۇن
Seyyare
بۇ ئۇيغۇچە ئەپ دىتالىدىن پايدىلىنىشنى كۆڭلۈمدىكى ئارزۇلىرىمنى ئۇيغۇرچەaiئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم
2 ھەپتە بۇرۇن
ئالتۇن توغراق

🚨تۆگىنى باغلىماي قىلىنغان دۇئا — «تەۋەككۈل» مۇ ياكى ئۆزىنى ئالداشمۇ؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى ۋە مىللىتىنىڭ نىجاتلىقىنى تىلەۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلار.

كۆپىنچىمىز مەسچىتتە ياكى نامازدىن كېيىن كۆز يېشىمىز بىلەن ئاللاھتىن مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇشنى، خىتاي زۇلۇمىنى يوق قىلىشنى سورايمىز. ئاندىن «بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە دۇئا قىلدۇق، ئەمدى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق (ئاللاھقا تاپشۇردۇق)» دەپ خاتىرجەم ئۆيىمىزگە قايتىمىز. كۈندىلىك ھاياتىمىزدا تەر ئاققۇزۇشقا، بىلىم ئېلىشقا، پەن-تېخنىكا ئىگىلەشكە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيمىز.

ئەمما، بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: ھېچقانداق ئەمەلىي تەييارلىق قىلماي، پەقەتلا دۇئا بىلەن غەلبە كۈتۈش دىنىمىزدىكى ھەقىقىي «تەۋەككۈل»مۇ؟ بىز بۇ ئۇقۇمنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپلىقىنى ۋە ھورۇنلىقىمىزنى دىننىڭ چاپىنى بىلەن يېپىۋاتمامدۇق؟

بۇ مەسىلىنى دىنىمىزنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە رېئاللىقنىڭ قاتتىق لوگىكىسى بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:

1.📘

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېتودى: ئاۋۋال باغلا، ئاندىن تەۋەككۈل قىل.

تەۋەككۈلنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشتە، بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) دۇر. تىرمىزىيدە بايان قىلىنغان مەشھۇر بىر ھەدىستە مۇنداق كېلىدۇ:

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! تۆگىنى قويۇپ بېرىپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ ياكى باغلاپ قويۇپ ئاندىن تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاۋۋال ئۇنى باغلا، ئاندىن تەۋەككۈل قىل!» (اعقلها وتوكل) دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇشۇ ئاددىي ھەدىس بىزنىڭ پۈتۈن ھەرىكەت پەلسەپىمىزنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. «تۆگىنى باغلاش» — دۇنيالىق سەۋەبلەرنى قىلىش، دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلەش، تەييارلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ «تۆگىمىز» — ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللىتىمىزدۇر. بىز ئۇنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا، يۇقىرى بىلىم، خەلقئارالىق سىياسەت ۋە كۈچلۈك ئىقتىساد ئارقىلىق مىخلاپ «باغلىماي» تۇرۇپ، پەقەت دۇئا بىلەنلا قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلساق، بۇ تەۋەككۈل ئەمەس — بۇ ئۆزىمىزنى ئالداش ۋە ھورۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

2. 📖 قۇرئاننىڭ چاقىرىقى: «كۈچ تەييارلاڭلار!» 

نۇرغۇن كىشىلەر «ئاللاھ خالىسا بىر كېچىدىلا پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ خىتاينى يوق قىلىۋېتىدۇ» دېگەن خىيالدا ياشايدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكىسىز. ئەمما ئاللاھ قۇرئاندا بىزگە نېمە دەپ بۇيرۇيدۇ؟

«ئۇلارغا (دۈشمەنلەرگە) قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قوراللىق كۈچ تەييارلاڭلار.» (سۈرە ئەنفال، 60-ئايەت)

دىققەت قىلىڭ، ئاللاھ بۇ ئايەتتە «پەقەت كۆز يېشى قىلىڭلار، ئىبادەتنى كۆپەيتىڭلار» دېمىدى، بەلكى كۈچ (قورال) تەييارلاشقا بۇيرۇدى. بۈگۈنكى زاماننىڭ كۈچى ۋە قورالى نېمە؟ ئۇ 7-ئەسىردىكىدەك نەيزە ياكى ئوقيا ئەمەس. بۈگۈنكى كۈچ — سۈنئىي ئىدراك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى، بىئولوگىيەلىك تەتقىقات، تور بىخەتەرلىكى ۋە قانۇندۇر. ئەگەر بىز بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنمەي، بالىلىرىمىزنى ماتېماتىكا، فىزىكا، كومپيۇتېر ساھەلىرىدە چوققىغا چىقىشقا ئىلھاملاندۇرماي، پەقەتلا سەجدىگاھقا مۆكۈۋالساق — بىز قۇرئاننىڭ بۇ ئايىتىگە ئاشكارا ئاسىيلىق قىلغان ۋە دۈشمەنگە تەسلىم بولغان بولىمىز.

3. ⚙️خىتاينىڭ زۇلۇمى مۆجىزە ئەمەس، بەلكى بىلىمنىڭ مەھسۇلى. 

شۇنى ئوچۇق تونۇپ يېتەيلىكى، دۈشمىنىمىز خىتاي بىزنى سېھىر ياكى مۆجىزە بىلەن قىرغىن قىلىۋاتقىنى يوق. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تەجرىبىخانىلاردا تەر تۆكۈپ يۈز تونۇش سىستېمىلىرىنى كەشىپ قىلدى؛ مىليونلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى كونترول قىلىدىغان سىستېمىلارنى قۇردى. ئۇلار دۇنيانىڭ سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى (سۈننەتۇللاھ) دىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىلىم ئارقىلىق بىزنى قۇل قىلدى.

ئاللاھنىڭ بۇ كائىناتقا ئورناتقان ئادالەت قانۇنى شۇكى: كىم ئىلىم-پەننى، تېخنىكىنى، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىسە، يەر يۈزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى شۇنىڭغا بېرىلىدۇ. كاپىر بولسىمۇ، ئىلىم ئىگىلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ؛ مۇسۇلمان بولسىمۇ، تەپەككۇرنى تاشلاپ نادانلىقتا قالغانلار مەغلۇپ بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق زۇلۇمىغا پەقەت ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغارراق تېخنىكا، ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك بىلىم ۋە ئىستراتېگىيە بىلەنلا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. سەۋەپسىز دۇئا دۈشمەننىڭ كامېرالىرىنى كۆرمەس قىلىپ قويالمايدۇ!

💡خۇلاسە: تەۋەككۈل — ئەڭ ئاخىرقى قەدەم!

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەقىقىي تەۋەككۈل پاسسىپ كۈتۈش ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جاپالىق ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدۇر.

سەن ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر كىتابلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىڭ قىزارغۇچە ئوقۇپ، خىتاينىڭ تورلىرىنى بىتچىت قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگىنىڭدە؛ سەن خەلقئارا قانۇنلارنى پىششىق ئۆگىنىپ سوتتا خىتاينى يېڭىپ چىققاندىن كېيىن؛ بالىلىرىڭنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىم قىلىپ تەربىيەلەپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن قولۇڭنى ئېچىپ: «ئى ئاللاھ، مەن قولۇمدىن كېلىدىغان بارلىق دۇنيالىق ۋە تېخنىكىلىق تەييارلىقلارنى قىلدىم، ئامانەتنى ئادا قىلدىم، ئەمدى غەلبىنى سېنىڭدىن كۈتىمەن» دەپ دۇئا قىلىشىڭ — مانا مۇشۇ ھەقىقىي مۆمىننىڭ تەۋەككۈلىدۇر!

تۆگىمىزنى چىڭ باغلايلى، زامانىۋى ئىلىم-پەن كۈچى بىلەن قوراللىنايلى. ئاللاھ ھەرىكەت قىلغان ۋە ئەقىل ئىشلەتكەنلەر بىلەن بىللىدۇر!


#كۈسەنى

#ئويغىنىش #تەۋەككۈل #ئىسلام_ۋە_ئىلىم #مائارىپ #ئۇيغۇر

2 ھەپتە بۇرۇن
نىگار
ھەر كىشى ھاردى ياشاشتىن غەملىرى تاغدىن ئېغىر، 
دىللىرى مىسكىن، سۇنۇقتۇر باغرى ھەم ئاندىن يېغىر. 
قالمىدى ھالى كىشىنىڭ يەنە دەرد  كۆتۈرگۈدەك  ،
كېلىدۇ سورىغۇسى ھەتتا ئۆلۈك جاندىن مېھىر .
خالىمايدۇ ھېچ كىشى تەنە ، كىنايە ، رەنجىنى ،
مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە رەنجىمە مەندىن پېقىر . 
2 ھەپتە بۇرۇن
نىگار
ئىزچىل «تىنچ ھايات» قا ئىنتىلىپ كەلدىم. ئەمدى بىلسەم، ئەسلى تىنچ ھايات دىگىنىمىز، قانداقتۇر تىپتىنىچ ياشاش ئەمەس، تىپتىنچ يۈزلىنىشكەن…
ھەر كەلمىش-كەتمىشنى روھى تەمكىنلىك، ئەقلى سۇغۇقلۇق ۋە قەلبى ئەمىنلىك بىلەن قۇبۇل ئىتىشكەن.
2 ھەپتە بۇرۇن
Ozuygur
 نۇر: فىزىكىلىق رېئاللىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتنىڭ ئۇچرىشىشى

 ئىنسانىيەت تارىخىدا «نۇر» ھەم ماددىي دۇنيانىڭ تۈپ قانۇنىيەتلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان فىزىكىلىق ئاچقۇچ، ھەم مەنىۋى دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلاھىي سىمۋول بولۇپ كەلدى. زامانىۋى ئىلىم-پەن كائىناتنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەلۇم يەكۈنلەرگە كەلگەن بولسا، ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىۋى ۋە غەيبىي تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ماقالىدە، بىز قۇرئان ئايەتلىرى، سەھىھ ھەدىسلەر ۋە زامانىۋى كىۋانت فىزىكىسى شۇنداقلا نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قاتارلىق ئاكادېمىك مەنبەلەرگە تايىنىپ، «نۇر» نىڭ كائاناتتىكى ئورنىنى دىنى ۋە پەننى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز.

 1. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرنىڭ ئورنى:  قۇرئان كەرىمدە نۇرنىڭ كائاناتنىڭ ئەڭ تۈپكى ماھىيىتىگە تۇتىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر...» (سۈرە نۇر، 35-ئايەت). تەپسىر ئالىملىرى بۇنى «ئاسمان-زېمىننى باشقۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلارنى ھىدايەت بىلەن نۇرلاندۇرغۇچى» دەپ شەرھلەيدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ يارىلىش مەنبەسى: سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن بىر ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى، جىنلار تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلدى، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىنغان نەرسىدىن (تۇپراقتىن) يارىتىلدى.» (مۇسلىم، 2996-ھەدىس). بۇ ھەدىس كائىناتتا بىز كۆرەلمەيدىغان، ماسسىسىز، ئەمما غايەت زور ئېنېرگىيەگە ۋە تېزلىككە ئىگە بىر ئاڭلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ (پەرىشتىلەرنىڭ) ئەسلى ماتېرىيالى «نۇر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

 2. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر: كائاناتنىڭ تۈپكى ئۆلچىمى زامانىۋى فىزىكىدا نۇر (فوتونلار) زامان، ماكان ۋە ماددىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ 1905-يىلى ئېلان قىلغان «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ۋە ماكىس پىلانك باشلامچىلىق قىلغان كىۋانت نەزەرىيەسى بىزنىڭ نۇرغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر دولقۇن-زەررىچە ئىككىلىك خۇسۇسىيىتى بولغان «فوتون» دەپ ئاتىلىدىغان ماسسىسىز زەررىچە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. نۇرنىڭ بۇنداق قوش تەبىئەتكە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ كائاناتتىكى ئەڭ غەلىتە ۋە سىرلىق مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر تەڭلىمىسى 
Math input errorE=mc2
 ماددا بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ (شۇ جۈملىدىن نۇرنىڭ) ماھىيەتتە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  بۇ يەردە E ئېنېرگىيە، m ماسسا، c نۇر سۈرئىتى (تەخمىنەن 299,792,458 مېتىر/سېكۇنت). بۇ ئىلمىي يەكۈن، كائاناتتىكى بارلىق قاتتىق جىسىملارنىڭ ئەسلىدە بىر قۇتۇپلاشقان «ئېنېرگىيە (نۇر)» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ، دىنىي جەھەتتىكى «پۈتۈن كائانات ئاللاھنىڭ كۇن (بول) دېگەن بىرلا سۆزى (ئېنېرگىيەسى/قۇدرىتى) بىلەن پەيدا بولغان» دېگەن ئەقىدىگە پەلسەپىۋى جەھەتتىن ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

 3. چوڭ پارتلاش ۋە ئالەمنىڭ نۇرغا تولۇشى: ئاستروفىزىكا ئالىملىرى كائاناتنىڭ يارىتىلىش پەيتىنى تەتقىق قىلغاندا «چوڭ پارتلاش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاكادېمىك كائاناتشۇناسلىق ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مىنۇتلاردا كائاناتتا ھېچقانداق قاتتىق ماددا يوق ئىدى؛ پۈتۈن كائانات پەقەت نۇردىن (فوتونلاردىن) ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رادىئاتسىيەدىن تەركىب تاپقان ئىدى. قۇرئاندىكى: «ئاسمانلار ۋە زېمىن بىر تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىدۇق...» (ئەنبىيا سۈرىسى، 30-ئايەت) دېگەن بايان ۋە باشتىكى «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» دېگەن سىمۋوللۇق ئايەت، ئىلىم-پەننىڭ مۇشۇ بايقاشلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىدۇ.

 4. ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشى:  نۇرنىڭ فىزىكىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىرى — ماددىلارنىڭ سۈرئىتى نۇر سۈرئىتىگە يېتىشكەندە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىدۇر. زامانىۋى فىزىكىدىكى «ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى» تەڭلىمىسىگە قارايدىغان بولساق:
 Δt=Δt11v2c2
 ​ئەگەر بىر جىسىمنىڭ سۈرئىتى ( v ) نۇر سۈرئىتىگە ( c ) يەتسە، ۋاقىت توختاپ قالىدۇ. يەنى فوتون (نۇر) ئۈچۈن ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس. فوتون كائاناتنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە نەچچە مىليارد يىلدا بارغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن بۇ مۇساپە نۆل سېكۇنتتا تاماملانغان بولىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسلىتىدۇ. فىزىكا قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، پەرىشتىلەر نۇر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يەر شارىدىكى بىزنىڭ «ۋاقىت» چۈشەنچىمىزگە بويسۇنمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن زامان-ماكان توسالغۇسى يوق. ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى ھەققىدە قۇرئاندا مۇنداق ئايەت بار:  «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئۆلچىمى ئەللىك مىڭ يىل بولغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەپ چىقىدۇ.» (سۈرە مەئارىج، 4-ئايەت). بۇ ئايەت ۋاقىتنىڭ سۈرئەتكە ۋە ماكانغا قاراپ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، 20-ئەسىردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

 خۇلاسە: مەيلى ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بولسۇن ياكى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئىلاھىي بايانلىرى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى بىزگە كائاناتنىڭ ئەڭ يادرولۇق ماھىيىتىنىڭ «نۇر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فىزىكا بىزگە نۇرنىڭ كائاناتنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ماكان-زاماننى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، قۇرئان بىزگە نۇرنىڭ كىم تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىنى قانداق ھىدايەتكە باشلايدىغانلىقىنى  ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا  دىن ۋە ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس، بەلكى بىرى ماددىي دۇنيانىڭ تىلى بولسا، يەنە بىرى شۇ ماددىلارنى ياراتقان زاتنىڭ تىلىدۇر. ئىككىسى بىرلىشىپ، بىزنى مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ.

-سەرخىللار مۇنبىرى
2 ھەپتە بۇرۇن
admin
كائىناتنىڭ يارىتىلىشى ۋە يوق بولۇشى

ئىنسانىيەت تارىخىدىن بېرى «كائىنات قانداق باشلانغان ۋە ئۇ قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟» دېگەن سوئال ھەم ئىلىم-پەننىڭ، ھەم ئېتىقادنىڭ ئەڭ مەركىزىي تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. زامانىۋى ئاسترونومىيە كائىناتنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسا، فىزىكا ئالىملىرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسى ئارقىلىق مۆلچەرلىمەكتە. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ زامانىۋى ئىلمىي تەسەۋۋۇرلار بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى كائىناتنىڭ تۈرۈلۈشى ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەيران قالارلىق بىر ماسلىق مەۋجۇت. تۆۋەندىكى بايانلاردا كائىناتنىڭ دەسلەپكى نۇقتىغا قايتىش جەريانىنى ئىلمىي ۋە دىنىي نۇقتىدىن سېلىشتۇرما ھالدا كۆرۈپ ئۆتىمىز.

فىزىكا ئالىملىرى كائاناتنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىمنىڭ بايانلىرى بىلەن ئەڭ ماس كېلىدىغان نەزەرىيە «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسىدۇر. بۇ ئىلمىي ۋە دىنىي تەسەۋۋۇرنى تۆۋەندىكىدەك سېلىشتۇرۇپ كۆرەلەيمىز:

 1. فىزىكا نۇقتىسىدىن: «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسى بويىچە، كائانات ھازىر سىرتقا قاراپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، كائاناتتىكى ماددىلارنىڭ تارتىش كۈچى (Gravity) مەلۇم بىر نۇقتىدا بۇ كېڭىيىشنى توختىتىشى مۇمكىن. كېڭىيىش توختىغاندىن كېيىن، كائانات خۇددى قۇيۇپ قويغان كاۋچۇكتەك ئەسلىگە يېنىشقا باشلايدۇ. يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى بىر-بىرىگە ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يېقىنلىشىدۇ. نەتىجىدە كائانات بارغانسېرى سىقىلىپ، تېمپېراتۇرا چەكسىز ئۆرلەپ، ئاخىرىدا دەسلەپكى يارىلىشتىكىدەك بىرلا نۇقتىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ جەريان «چوڭ پارتلاش» نىڭ ئەكسىچە بولغان «چوڭ سىقىلىش» تۇر.

 2. قۇرئان نۇقتىسىدىن: ئاسماننىڭ تۈرۈلۈشى قۇرئان كەرىمدە قىيامەت كۈنى كائاناتنىڭ قانداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەندە، زامانىۋى فىزىكىدىكى سىقىلىش جەريانىغا ئىنتايىن ئوخشاش بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ: «بىز (قىيامەت كۈنى) ئاسماننى خەت يېزىلغان قەغەز تومارنى تۈرگەندەك تۈرىمىز، (مەخلۇقاتلارنى) دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتكە قايتۇرىمىز...» (سۈرە ئەنبىيا، 104-ئايەت). بۇ ئايەتنى زامانىۋىي فىزىكا بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، «قەغەز تومارنى تۈرگەندەك» دېگەن بۇ تەسۋىر كائاناتنىڭ كېڭىيىپ كەتكەن ماكانىنىڭ قايتىدىن يىغىلىپ، سىقىلىدىغانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. فىزىكىدىكى كائاناتنىڭ سىقىلىپ ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىشى بىلەن قەغەزنىڭ تۈرۈلۈپ كىچىكلىشى بىر-بىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. «دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتكە قايتۇرىمىز»: بۇ جۈملە كائاناتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى (Singularity) غا قايتىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر.

 3. يۇلتۇزلارنىڭ ئۆچۈشى ۋە نۇرنىڭ يوقىلىشى: فىزىكا ئالىملىرى كائانات ئاخىرلاشقاندا نۇرنىڭمۇ تۈگەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھادىسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەن چاغدا...» (سۈرە مۇرسەلات، 8-ئايەت) «يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن (يەنى نۇرى ئۆچۈپ قاراڭغۇلاشقان) چاغدا...» (سۈرە تەكۋىر، 2-ئايەت)

 خۇلاسە: ئىلىم-پەن بىزگە شۇنى دېمەكتە: كائانات بىر نۇقتىدىن باشلانغان (Big Bang)، كېڭىيىۋاتىدۇ (Expansion) ۋە بىر كۈنى قايتىدىن سىقىلىپ يوقىلىدۇ (Big Crunch). قۇرئان بىزگە شۇنى دېمەكتە: ئاسمان-زېمىن بىر تۇتاش ئىدى ئايرىدۇق، بىز ئۇنى كېڭەيتكۈچىمىز ۋە بىر كۈنى ئۇنى تومارنى تۈرگەندەك تۈرۈپ ئەسلىگە قايتۇرىمىز. بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ھەقىقەت شۇكى، نۇر بىلەن باشلانغان بۇ كائانات سەپىرى يەنە شۇ نۇرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاخىرلىشىدۇ. فىزىكا بىزگە بۇ جەرياننىڭ «ماتېماتىكىسى» نى سۆزلەپ بەرسە، دىن بىزگە بۇ جەرياننىڭ «مەقسىتى» نى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

- سەرخىللار مۇنبىرى
2 ھەپتە بۇرۇن
S aihemaitiniyazi
ئۇزۇندىن بىرى خىيالىنى سۈرۈۋاتقان ئىدىم بىزنىڭمۇ بولسىچۇ دەپ ھازىر مەغرۇرلىنىپ ھاياجاندىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۇ يەرنى بۇ يەرنى بېسىۋاتىمەن🥳🥳🥳🤩🤩🤩
3 ھەپتە بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
*ئى ئۆمرىنى ئىتائەتسىزلىكتە زايە قىلىۋەتكەن كىشى!*

*ئى رامازاندا ۋە باشقا چاغلاردا بوشاڭلىق قىلىپ، ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى!*

*ئى كېچىكتۈرۈش ۋە بوشاڭلىقنى دەسمايە قىلىۋالغان كىشى! سېنىڭ بۇ دەسمايەڭ نېمىدېگەن يامان!*

*ئى رامازاننى ۋە "قۇرئان كەرىم"نى شىكايەتچى (دەۋاگەر) قىلىۋالغان كىشى! شاپائەت كۈنى (قىيامەت كۈنى) ئۆز ئۈستۈڭدىن شىكايەت قىلغۇچىدىن سەن قانداقمۇ شاپائەت ئۈمىد قىلىسەن؟!"*



 - *روزىنىڭ روھى ۋە مەنالىرى* ناملىق كىتاپتىن.
3 ھەپتە بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت.
ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ رامازان ئېيىڭلار  ياخشى ئۆتۈۋاتامدۇ؟
3 ھەپتە بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ھەممەيلەن كىرىپ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ، ياخشى مەزمۇنلارنى ھەمبەھرلەپ چايچەتنى قىزىتىۋەتتىمىكىن دېسەم كىرگەنلەرنىڭ ئىزى كۆرۈنمەيدىغۇ؟
4 ھەپتە بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن.
ئۇلۇغ ئاللاھىم بۇ ئۇلۇغ ئاينى ئۆزى رازى بولغۇدەك ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلسۇن. ئامىن. 
1 ئاي بۇرۇن
hayrigulkeskin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چايچەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم
ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيى مۇبارەك 
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
تىكلىگەن ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋەرگەندە ئىزچىللىق ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىدۇ.

- قەيسەر مىجىت مۇئەللىم
1 ئاي بۇرۇن
admin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بىخەتەر، تېز ۋە ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي ئالاقە تورى چاي چەت (Chay Chat) كە خۇش كەلدىڭىز!

 يېڭى مەزمۇن، تېما، ماقالە، مۇنازىرە، ئوي-پىكىر، رەسىم، ۋىدىيو... قاتارلىقلارنى يوللاپ تۇرۇشۇڭلارنى ۋە بۇلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق تور بېتىمىزنى تەشۋىق قىلىپ بېرىشىڭلار سورايمەن!

كۈندە بىردىن بولسىمۇ قىسقا ۋېدىيو ياكى ئۇلىنىش بېتىگە پايدىلىق ئۇلىنىشلارنى(تور بەتلەرنى) قوشۇپ قويساڭلار. ئۇلىنىش بېتمىز:
chaychat.com/links.php

بۇ ئەپنىڭ ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن! 

1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ھەممىڭلارغا خەيرىلىك سەھەر، چايچەت ئەھلى.
يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دەپ ھەممىمىزگە بەرىكەتلىك بىر كۈن تىلەيمەن.
1 ئاي بۇرۇن
Özlem Abdulla
مۇشۇ گۇرۇپتا بىرە ئۈنۈملۈك مەھسۇلات سىتىپ، ئىقتىسادىمنى بىر ياخشىلىۋاسام دەپ ئويلايمەن.😊
1 ئاي بۇرۇن
Ozuygur
بۇ ياخشىكەن
ئالتۇن توغراق
بىر ئايلىق ئىزچىللىقىڭىز بىر يىلىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىر يىللىق ئىزچىللىقىڭىز ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
مىھرىنى ئائىلىگە بەرگەن ئايال - بەختنى بالىلىرىغا يىتىلەپ ئەكىلىپ بىرىدىغان ئايالدۇر!

  - قەيسەر مىجىت مۇئەللىم 
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئىنتىزامچان بولۇش ئادەمنى مۇھتاجلىق ئالىمىدىن قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ.

   - قەيسەر مىجىت مۇئەللىم
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
قانداق قىلسام ئىزچىللىق بىلەن ئىنتىزامچانلىقنى ئادىتىمگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمنى ئويلاۋاتىمەن.
1 ئاي بۇرۇن
Burkut
ھەجەپ بىر نان سېغىندىم بۈگۈن
---------------------------

ئاق نان، جېرىس نان، زاغرا نان، ئارپا نان،
گىردە نان، ھەمەك نان، گۆش نان...
ھەجەپ بىر نان سېغىندىم بۈگۈن،
نان چۈشىمىگەن ئەمما تۈنۈگۈن.
سېغىنىش، ئۇ شۇنداق بىر سېغىنىش،
توساتتىنلا پەيدا بولىدۇ سېنىڭدە.
ئارىلىق - يىراقلىق پەيدا قىلىدۇ سېغىنىش،
ئاجايىپ سېغىنىش تۇرۇپ پەيدا بولىدۇ مېنىڭدە.
سېغىنغىنىم - دۇخاپكىدا پىشقان نان ئەمەس،
ئوتى تاۋلانغان تونۇردىن چىققان نان - مۇقەددەس.

1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
بىر ئايلىق ئىزچىللىقىڭىز بىر يىلىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىر يىللىق ئىزچىللىقىڭىز ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىزدىن ئىنتىزامچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
1 ئاي بۇرۇن
admin
مائارىپ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
 مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

 «ئوقۇتقۇچى — ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دېگەن گەپ بار. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئۆگىتىدىغان كىشى بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇ گويا بىر باغۋەنگە ئوخشاش يۇمران كۆچەتنى ئاۋايلاپ سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدىغان، «ھارام شاخ»لىرىنى پۇتاپ، ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولىدىغان كىشىدۇر. 

 مائارىپ تەربىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى ياكى كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق ئىزاھلانماي كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مائارىپ تەربىيەسى، جۈملىدىن مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەن نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پۈتتۈرۈشى، دىپلوم ئېلىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈنلا مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئۆتكەل سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. ئەكسىچە، ئىنسانىيلىق، دىن-ئەخلاق، ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى-ياماننى ئايرىش، ھەق-ئادالەت تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئارقا پىلاندا قالدى، ھەتتا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدى.

 ھازىرقى دۇنيادا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىقلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دۇنيادىكى تەخمىنەن 8 مىليارد ئىنساننىڭ تەڭدىن تولىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەنىۋىيات ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، ھەقىقىي ئىنسانلىق فىترىتى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە تەڭسىزلىكلەر بولمىغان ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان بولاتتى؛ دۇنيا تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقلا، دۆلەت بېشىغا ۋە دۆلەت ئاپاراتلىرىغا پاسىق، قانخور، زالىم كىشىلەر كېلەلمىگەن بولاتتى. زالىملارنىڭ قول-پۇتى بولىدىغان روھسىز، ئەقىلسىز، ئەخلاقسىز، روبوتتىن پەرقسىز ئەسكەر، ساقچى ۋە پايلاقچىلار بولمىغان بولاتتى. 

 بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە ياخشى ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ ۋە كۈچسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، «يولۋاس يوق تاغقا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، بوش قالغان مەيداننى ئاق-قارا، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياكى ئەزەلدىن بۇ تۇيغۇلار بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى پەقەتلا «نان تېپىپ يېيىش»، «سىڭگەن ناننى يېيىش»نى مەركەز قىلىپ قالسا؛ كۈچلىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەتلا پەننىي دەرسلەر، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەردىلا دەپ قارالسا؛ ئىنسان مەنىۋىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە؛ ئىنساننىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ھالدا شەخسىي نام-ئاتاق، پۇل-مال، ھوقۇق-مەنسەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىنى ساتىدىغان پىروفېسسور، ئۆز مىللىتىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغان ساقچى ۋە ئەسكەر، شەخسىي خىرىس ياكى ھەۋەسلەردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باشلىق، دۇنياغا بالايىئاپەت بولىدىغان پرېزىدېنت چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيىنىدىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟

 شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ — بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مۇداپىئەسىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويدىغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگىنى بولۇشى لازىم. چۈنكى مائارىپ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىنسان تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسىل ۋە كۈچلۈك ئىنسانلاردىن تەركىب تاپسا، دۆلەت ئاپاراتلىرى كۈچلۈك ۋە سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دۆلەت پۇقرالارنى ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئالالايدۇ، پۇقرالار ھوزۇر ۋە ئىشەنچ ھېس قىلىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياخشىلىق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە قائىدە-تۈزۈم خەلق ئارىسىدا ستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەر يامانلىق قىلىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئەڭ ئاددىيسى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشنى (خۇددى بىر يېرى ئېچىلىپ قېلىشنى ئەيىب ھېس قىلىپ نومۇس قىلغاندەك) ئەيىب ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلاردا «ئەگىشىش پىسخولوگىيەسى» بار؛ ياخشىلىق ئومۇملاشسا كىشىلەر شۇنىڭغا، يامانلىق ئومۇملاشسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلىرى پاسىق، زالىم، قانخور، كىشىلىرى ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، زوراۋان، قورقۇنچاق ياكى نادان بولسا، ئۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

 ئەلۋەتتە دۇنيا يارالغاندىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، ئىنسان بىلەن (جىن ۋە ئىنسان شەكلىگە كىرگەن) شەيتان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مۇۋازىنات بار. ياراتقۇچى دۇنيانى مۇشۇنداق ياراتقان بولسا كېرەك. لېكىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللىشىمىز ياخشىلىق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
1 ئاي بۇرۇن
Bargin
ئايال كىشى ۋاقتىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كىرەككەن ئەسلى.  ئائىلىنىڭ مۇۋازىنىتى بۇزۇلدىكەن . ئايال تەمكىن سالماق مەنىۋىيتى توقراق بولغاندا مىھرىنى ئائىلىگە ياخشى بىرەلەيدىكەن    ئەرنىڭ بەختى ئۈچۈنمۇ ئايال چارچىمىسۇن دەيمەن 
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، سىلەر بارمۇ؟
چايچەتنى يوقلاپ تۇرۇۋاتامسىلەر؟
1 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، ھەممىڭلار سالامەتمۇ؟
1 ئاي بۇرۇن
hayrigulkeskin
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 
2 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 
كىم بار؟
چاي چەتنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
2 ئاي بۇرۇن
hayrigulkeskin
2 ئاي بۇرۇن
hayrigulkeskin
2 ئاي بۇرۇن
Almasjan
2 ئاي بۇرۇن
Almasjan
2 ئاي بۇرۇن
Almasjan
2 ئاي بۇرۇن
Almasjan
2 ئاي بۇرۇن
Almasjan
2 ئاي بۇرۇن
ئالتۇن توغراق
ھەممەيلەنگە خەيرىلىك كەچ.
ياخشى چۈش كۆرۈڭلار.
2 ئاي بۇرۇن
Bargin
ئۆگىنىش ۋاستە، ئەمەل غايە
2 ئاي بۇرۇن
hayrigulkeskin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  كۆپچىلىك 
2 ئاي بۇرۇن
admin
قايتا
admin

📣 خۇش خەۋەر: «Chay Chat» رەقەملىك دۇنياسىغا مەرھەمەت!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز بۈگۈن پەن-تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان سۈنئىي ئىدراك (AI) تېخنىكىسى مىسلىسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاسانلاشقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. دۇنياۋى تېخنىكا گىگانتلىرى ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر تەرىپىنى قاپلىۋالغان بۇ پەيتتە، بىز كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلار سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە مېڭىشقا، ئۇلارنىڭ سۇپىلىرىدىكى پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق ئۇچۇرلار دېڭىزىدا تېڭىرقاپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.

ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس، بىخەتەر، پاكىز ۋە ئىشەنچىلىك بىر رەقەملىك ماكانىمىز بولسا قانداق بولاتتى؟

مەن مۇشۇ ئارزۇ ۋە مەقسەتتە بىر ئايغا يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رەقەملىك دۇنياسى —— «Chay Chat» (چاي پاراڭ) نى ياساپ چىقتىم.

نېمە ئۈچۈن «Chay Chat» نى تاللايمىز؟ بىز ئەزەلدىن Facebook, WhatsApp, TikTok قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىپ كەلدۇق. ئەمما «Chay Chat» بۇ سۇپىلارنىڭ ئاساسى ئىقتىدارلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناچار، مەزمۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلاردىن خالىي بولغان، پەقەت ياخشى نىيەتلىك ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ساپ مۇھىتتۇر.

«Chay Chat» نىڭ ئاساسلىق 5 چوڭ ئالاھىدىلىكى:

  1. 🌐  ئىجتىمائىي ئالاقە بېتى (Facebook تۈسىدە): يازما، سۈرەت ۋە كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى يوللاپ، دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

  2. 🎬 قىسقا سىن ھۇزۇرى (TikTok تۈسىدە): قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك قىسقا سىنلارنى كۆرەلەيسىز ۋە ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.

  3. 💬 ئەركىن سۆزلىشىش (WhatsApp تۈسىدە): ئۇچۇر يېزىشىش، ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىش، ئورۇن ۋە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق يېقىنلىرىڭىز بىلەن ئالاقىدە بولالايسىز.

  4. 🛍️ توردىكى بازار (Marketplace): دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا سودا قىلىش، مەھسۇلات سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

  5. 🤖 سۈنئىي ئىدراك ياردەمچىسى ( Chay Chat AI): ئەپ ئىچىدىكى سۈنئىي ئىدراك ياردەمچىسى ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز ۋە مەسىلىلىرىڭىزنى ھەل قىلالايسىز. (ھازىرقىسى دەسلەپكى نۇسخا بولۇپ، ئىلغار نۇسخىسى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن پات-ئارىدا مەيدانغا كېلىدۇ)

بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى! بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نۇسخىسى بولۇپ، بەزى كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. «Chay Chat» —— دىئاسپورادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا قوللايدىغان، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ھەقىقىي جەمگاھىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە موھتاجمىز.

سىزنى ئۆزىمىزنىڭ رەقەملىك دۇنياسىغا قەدەم بېسىشقا، بۇ يېڭىلىققا ئىلتىپات قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن!

ھۆرمەت بىلەن: مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

2026- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

2 ئاي بۇرۇن
admin

📣 خۇش خەۋەر: «Chay Chat» رەقەملىك دۇنياسىغا مەرھەمەت!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز بۈگۈن پەن-تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان سۈنئىي ئىدراك (AI) تېخنىكىسى مىسلىسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاسانلاشقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. دۇنياۋى تېخنىكا گىگانتلىرى ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر تەرىپىنى قاپلىۋالغان بۇ پەيتتە، بىز كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلار سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە مېڭىشقا، ئۇلارنىڭ سۇپىلىرىدىكى پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق ئۇچۇرلار دېڭىزىدا تېڭىرقاپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.

ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس، بىخەتەر، پاكىز ۋە ئىشەنچىلىك بىر رەقەملىك ماكانىمىز بولسا قانداق بولاتتى؟

مەن مۇشۇ ئارزۇ ۋە مەقسەتتە بىر ئايغا يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رەقەملىك دۇنياسى —— «Chay Chat» (چاي پاراڭ) نى ياساپ چىقتىم.

نېمە ئۈچۈن «Chay Chat» نى تاللايمىز؟ بىز ئەزەلدىن Facebook, WhatsApp, TikTok قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىپ كەلدۇق. ئەمما «Chay Chat» بۇ سۇپىلارنىڭ ئاساسى ئىقتىدارلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناچار، مەزمۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلاردىن خالىي بولغان، پەقەت ياخشى نىيەتلىك ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ساپ مۇھىتتۇر.

«Chay Chat» نىڭ ئاساسلىق 5 چوڭ ئالاھىدىلىكى:

  1. 🌐  ئىجتىمائىي ئالاقە بېتى (Facebook تۈسىدە): يازما، سۈرەت ۋە كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى يوللاپ، دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

  2. 🎬 قىسقا سىن ھۇزۇرى (TikTok تۈسىدە): قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك قىسقا سىنلارنى كۆرەلەيسىز ۋە ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.

  3. 💬 ئەركىن سۆزلىشىش (WhatsApp تۈسىدە): ئۇچۇر يېزىشىش، ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىش، ئورۇن ۋە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق يېقىنلىرىڭىز بىلەن ئالاقىدە بولالايسىز.

  4. 🛍️ توردىكى بازار (Marketplace): دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا سودا قىلىش، مەھسۇلات سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

  5. 🤖 سۈنئىي ئىدراك ياردەمچىسى ( Chay Chat AI): ئەپ ئىچىدىكى سۈنئىي ئىدراك ياردەمچىسى ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز ۋە مەسىلىلىرىڭىزنى ھەل قىلالايسىز. (ھازىرقىسى دەسلەپكى نۇسخا بولۇپ، ئىلغار نۇسخىسى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن پات-ئارىدا مەيدانغا كېلىدۇ)

بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى! بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نۇسخىسى بولۇپ، بەزى كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. «Chay Chat» —— دىئاسپورادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا قوللايدىغان، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ھەقىقىي جەمگاھىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە موھتاجمىز.

سىزنى ئۆزىمىزنىڭ رەقەملىك دۇنياسىغا قەدەم بېسىشقا، بۇ يېڭىلىققا ئىلتىپات قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن!

ھۆرمەت بىلەن: مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

2026- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

×
FOTOĞRAF VİDEO

preview

REC